بۇلبۇل بلوگى

0

ئۇخلىيالمىغان كېچىلىرىم بىلەن

214

 

 

ئۇخلىيالمىغان كېچىلىرىم بىلەن

يېتەلمىگەن تىلەكلىرىم بىلەن

نەچچە قېتىم قېلىچ ئۇرسىمۇ

ئۈزۈلمىگەن باشلىرىم بىلەن

دېڭىزدەك تەۋرەپ، بۇلاقتەك ئوخچۇپ تۇرسىمۇ

تۆكۈلمىگەن ياشلىرىم بىلەن

ئەتتىگەنكى ناشتىسىزلىقتەك ۋە

چۈشتە ماڭا پۇتلاشقان ئايالدەك

ئۇنتۇلۇۋاتقان ئەتىلىرىم بىلەن

ئۆزۈمنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم،

ئاندىن پات-پات پالاكەت باسىدىغانلىقىنى

ھاراق ئىچكۈم كېلىدىغانلىقىنى

يوشۇرۇن ھالدا كىمدۇر بىرىنى تىللىۋالىدىغانلىقىمنى

كىچىك بالامنىڭ مەندىن ئاران بىر كوي سورايدىغانلىقىنى

بىرسىنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى

بۇ ياخشى كۆرۈشنىڭ ھايات بىلەن ئەمەس

مامات بىلەن تولغانلىقىنى

قۇياش ئويغاتمىسا بىرەر قېتىم

چۈشكىچە ئۇخلىۋالسام دەيدىغانلىقىمنى

ئىچىمدە خەقكە دېگىلى بولمايدىغان

ئەمما دەۋېلىشنى ئىستەيدىغان

نۇرغۇن سىرلىرىمنىڭ بارلىقىنى

ئۇنى بىرسى كۆرۈپ قېلىۋاتقاندەك

يا بازاردا پارچە سېتىۋاتقاندەك

خۇدۇكسىرەپلا يۈرىدىغانلىقىمنى

كۆڭلۈمنىڭ ئىگىز يەرلىرىدىن

پەس يەرلىرىنىڭ كۆپلىكىنى

ھەقىقىتىمنىڭ تولىمۇ قورقۇنچلۇق

تولىمۇ بىمەنە رېئاللىقىنى

چۈشىنىدىغان دوستۇم بولسا دېدىم

مۇشۇ يەرگىچە ماڭا ئەگەشكەن

ئۇنى ئاپىرىدىغان يەر بولمىسىمۇ

قولىنى چىڭ تۇتۇپ كېتىۋاتىمەن

بەلكى مەن بارا-بارا ئۇنى مەقسەتسىز

ئالداۋاتقانلىقىمنى قالارمەن ئۇنتۇپ

ئۇنىڭغا ئىشىكىمنى ئېچىۋاتقۇم كېلەر

ئانا – مانامنى قويسا بەرگۈم بار تۇرۇپ…

 

تاماكامغا ئوت ياقتىم

دېرىزەمنى ئاچتىم يىراققا

كۆزۈم چۈشتى تونۇش بىر ئۆيدە

ئۇشتۇمتۇتلا ئۆچكەن چىراققا.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ