بۇلبۇل بلوگى

0

ئۇرخۇن ئابىدىلىرى

222
تاش دېمە باغرىمدا ئاقار ئىسسىق قان،
شۆھرەتلىك يىللارنى سۆزلىدىم تەكرار،
پۇچۇلۇپ كەتسىمۇ مۇزلىغان جىسمىم ،
قېنىمدىن تۇغۇلار ئەزىمەت ئەنھار.

بارچە ئادەملەرنى تۇغار ئانىلار ،
ۋە لىكىن باتۇرنى تۇغىدۇ ئۆلۈم،
كۆڭۈللەر تەختىگە ئالغىنىدا يول،
باتۇرغا پايانداز بولىدۇ ئۆلۈم.

مەرىتلىكنىڭ قىلىچى قىلمىسا جەۋلان،
ئابىدە دەقىقە تۇرالماس ئۆرە،
تاش مۇنارى يىقىلار ئۆتمەستىن ھايال ،
باتۇرغا باتۇرلار سالمىسا گىرە.
شائېرلار قەلىمىدىكى قاپقارا سىياھ ،
باتۇرلۇق قېنىدىن ئالمىسا زىيا،
ھېكمەت-پاساھەتكە تولۇپ كەتسىمۇ ،
سىياھدۇر زىيادۇر بەرىبىر سىياھ.

ئىلىم بودۇن ئەردى ئەمدى ئۇ قېنى ،
باتۇرلۇق بودۇن ئەردىن باتۇلار قېنى،
شاھانە قەسىرلەر ئاۋات خانىدان،
بولمىسا پاسىبان ئۆرۈلە تىنى.

تاش دىمە ئىبرەتلىك سۆزلۈرۈم بىلەن ،
تۇيغۇن كۆڭۈللەرگە سىڭىپ كىتىمەن،
قىمىرلاپ يۈرۈشكەن مۇردىدىن ئۆتۈپ،
جەڭلەرگە ئاتلىنىپ مېڭىپ كىتىمەن.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ