بۇلبۇل بلوگى

0

ئۇپۇقتىكى تەقدىرداش قۇشلار

215

ھەممە نەرسە «مەن»دىن باشلانغان…
كىچىكلەپ ئۇپۇق،
سىرتماق بولدى بوينۇمغا شۇئان.
ئۇچۇپ كەلدىم قۇشقا ئايلىنىپ،
قوندىقىغا يېڭى ئۇپۇقنىڭ.
سەنمۇ كەلدىڭ،
قانات ياساپ غەيرى دۇنيادىن…
ھەممە نەرسە «مەن»دىن باشلانغان…

چۈشلىرىمنىڭ ئايۋانلىرىدا،
جەننەت بىلەن مۇھەببەتلىشىپ،
تانسا ئويناپ تەڭرى ئالدىدا،
مۇنار بولۇپ قايتتىم ئاخىرى.

ئېسىلدىم
ئەگىم ئاينىڭ دارىغا،
ئۇچۇپ كەلدىم قۇشقا ئايلىنىپ،
سەن كەلدىڭ،
مىڭ يىللىق كىرېسىتتىن مىخ پىتى ئاجراپ؛
كىرېسىتسىمان قۇش بولۇپ…

قوندىقىدا يېڭى ئۇپۇقنىڭ،
تۇتاشتى قىتئەلەر،
چېگرالارنى ئاتتۇق ئەجەلگە!

ھەممە نەرسە «مەن»دىن باشلانغان…
كۆمۈلەر ئالەم،
«مەن»دىن پۈتكەن كاتتا قەبرىگە!

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ