بۇلبۇل بلوگى

0

ئۇنۇتمايلى دېھقاننى

179

ئېگىز تاغدا بولساقمۇ ئۇنۇتمايلى دېھقاننى،
چاھارباغدا بولساقمۇ ئۇنۇتمايلى دېھقاننى.
كېلىپ تۇرسۇن تاپقاننى دېھقان بىلەن تەڭ يېگۈڭ،
بىرەر توخۇ سويساقمۇ ئۇنۇتمايلى دېھقاننى.

دېھقان بولماي نان نەدە، نان بولمىسا جان نەدە،
دېھقان بولماي ھەيۋەتلىك شەھەر نەدە ،جان نەدە؟
دېھقان بولماي ئاتقا يەم،توخۇلارغا دان نەدە؟
ئاچ قالساقمۇ،تويساقمۇ ئۇنۇتمايلى دېھقاننى.
ئەڭگۈشتەردۇر گۆھەردۇر دېھقاندىكى ھالاللىق،
قۇترىمايدۇ دېھقاننىڭ ۋۇجۇدىدا ھاراملىق.
ھويلىلىرى چىرايلىق گۈلزارلىق،يا باراڭلىق،
سارايلاردا قونساقمۇ ئۇنۇتمايلى دېھقاننى.
سۆھبەتدىشى دېھقاننىڭ ئېتىز بىلەن زىرائەت،
بىر قارىساڭ سۆيۈشتۇر،بىر قارىساڭ زىيارەت.
ئەلمىساقتىن ئەمگەكمۇ دېھقان ئۈچۈن دىيانەت،
شۇڭا ئورەك ئويساڭمۇ ئۇنۇتمايلى دېھقاننى.
تاشلاپ ئېتىز-ئېرىقنى بارماس بايرام-كۆرەككە،
ئاچ قالسىمۇ كۆز سالماس ئۆز رىزقىدىن بۆلەككە،
ئاشلىق ئالسا ئەڭ ئاۋال تاپشۇرىدۇ دۆلەتكە،
دېمەك،ئەمەل تۇتساقمۇ ئۇنۇتمايلى دېھقاننى.
شۈكۈر بىلەن قانائەت پەزىلىتى دېھقاننىڭ،
تۆكۈۋېتەر بارىنى ھۆرمىتىگە مېھماننىڭ.
دېھقان كۆڭلى كەڭ شۇنداق كەڭلىكىدىن ئاسماننىڭ،
ئاددىي بىر تام سوقساقمۇ ئۇنۇتمايلى دېھقاننى.
ئوغۇل-قىزى ئوخشايدۇ ئالتۇن بىلەن كۈمۈشكە،
ئۇلار چۈنكى،ئۆگەنگەن ئېتىزلارنى سۆيۈشكە،
ئېتىزلارنى سۆيگەنلەر سۆيۈشمىسۇن نېمىشكە؟
تويدا پولۇ يېسەكمۇ ئۇنۇتمايلى دېھقاننى.
يالغان ئېيتقۇم يوق مېنىڭ،دېھقان بېيىپ كەتتى دەپ،
قوغۇن كەبى ئۇچ تارتىپ،پېلەك يېيىپ كەتتى دەپ؛
لاپ ئۇرمايمەن ئۆلسەممۇ،قوش-قوش كىيىپ كەتتى دەپ،
يالغان خەۋەر ئۇقساقمۇ ئۇنۇتمايلى دېھقاننى.
موتو،پىكاپ ئالمامدۇ دېھقان تۈگەل باي بولسا،
خشتىن ساراي سالمامدۇ،دېھقان تۈگەل باي بولسا.
كۈندە دۇتار چالمامدۇ دېھقان تۈگەل باي بولسا،
شۇڭا كۆكتە ئۇچساقمۇ ئۇنۇتمايلى دېھقاننى.
بايلىرى بار بىر نەچچە، نامراتلىرى ئون نەچچە،
چاينىمامدۇ كۈندە گۆش دېھقان ئەگەر قول يەتسە؟
ئارمانلىرى ئۇلارنىڭ تۈگىمەيدۇ سۆزلەتسە،
كىر چايقىساق-سىقساقمۇ ئۇنۇتمايلى دېھقاننى.
باي بولىدۇ شۇلارمۇ ئازايغاندا سېلىقى،
قايغۇسىدىن نەق پۇلىنىڭ قۇتۇلغاندا ئېرىقى.
باي بولىدۇ قۇشقاچتىن قۇتۇلغاندا تېرىقى،
ئەگەر ئايغا چىقساقمۇ ئۇنۇتمايلى دېھقاننى.
بۈگۈن نورۇز،دېھقانغا شائىر سالام بېرەر كۈن،
جىمى كۈندىن بۇ كۈننى دېھقان ئەلا كۆرگەن كۈن.
ئەھلىي ئەمگەك ئېتىزنى سېغىنار كۈن،سۆيەر كۈن،
شۇڭا كۆكتە ئۇچساقمۇ ئۇنۇتمايلى دېھقاننى.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ