بۇلبۇل بلوگى

0

ئۇنتۇش ئۈچۈن

183

1
ئۇنتۇلمايدىغان نەرسىدۇر
ئۇنتۇشقا تېگىشلىك دېگەن ھەر نەرسە.
ئۇنتۇش ئۈچۈن ئۇرۇنۇشلىرىڭ
سالار ئۇنى قايتىدىن ئەسكە.

ئۇ ئىلگىرى شۇك تۇرغان بولسا
خاتىرەڭ قېتىدىكى گۈلدەك جىمجىتلا،
ئەمدى ئۇ ئويغانغان شىردەك ھۆكىرەپ
ئۈلگۈرەر سېنى تىزلاندۇرۇشقا.

پۇشايمان قىلىسەن
ئۇرۇنۇشلىرىڭغا ئەمەس
ئۇنتۇشقا تېگىشلىك دېگىنىڭ ئۈچۈن.
قولۇڭدىن كەلسىمۇ باشتىن كەچۈرۈش
كەلمەيدۇ ۋە لېكىن ئۆزگەرتىش پۈتۈن.
2
مەيلى سەن ئېتىراپ قىلغىن، قىلمىغىن
مەيلى سەن ئەسلىگىن ۋە يا ئەسلىمە.
سەن ماڭساڭ ماڭىدۇ، توختىساڭ توختار
سەن ئۇنىڭ سايىسى چۈشكەن كەينىگە.

يوقالسا يوقۇلار سايە ئاخىرى
يوقۇلار ئۇنتۇشقا شىمايلانغان قول
يوقالماس «ئۇنتۇشقا تېگىشلىك نەرسە»
يوقالسىمۇ ئەگەر بارچە يول.
3
ئالدىڭدىكى بىر پىيالە چاي
دىققىتىڭنى تارتقان ھەر تېۋىش
سەن پات-پات قاراپ قويىدىغان ئىشىك
ئۇلۇغ ئېچىلغان دېرىزە ۋە
تالادىكى كۆلەڭگىلەر
يېنىڭدىكى سەندەك بوش ئورۇن
سېنى بىزار قىلىۋاتقان ئۈمىد
ئۇقۇۋاتقان كىتابلىرىڭ
كىتابلىرىڭدىكى خىياللار
خىياللىىرىڭدىكى غۇۋا بىر ئۇچقۇن

ھەممىسى سەن ئۇنتۇماق بولغان نەرسىدۇر
كەتكىنىمۇ، كېلىۋاتقىنىمۇ.

2015- يىلى 1-فېۋرال

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ