بۇلبۇل بلوگى

0

ئۈمىدسىزلەر

202
ياخشى بولساڭ ئامەت يېنىڭدا،
يامان بولساڭ ئاپەت يېنىڭدا.
ياخشى كۆرگەن يارىڭ بولمىسا،
نېمە قىلسۇن راھەت يېنىڭدا؟
ئۈمىدسىزلەر ئۆلۈككە مىسال،
ئۈمىدلىكلەر بۈيۈككە مىسال.
ئۈمىدسىزنى باشلىما ئۆيگە،
ئارزۇلىرىڭ تاپمايدۇ ۋىسال.
ئۈمىد كېلۇر بىزگە يۈك ئارتىپ،
يىقىلغاننىڭ قولىنى تارتىپ.
ئۈمىد-ئارزۇ كۆكلىتەر بىزنى،
ھەر مەنزىلدە يولنى قىسقارتىپ.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ