بۇلبۇل بلوگى

0

ئۇكام ساڭا

195

سالام يوللاي ۋەتەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ،
ئىشلەۋاتقان قىزغىن روھلۇق ئۇكام ساڭا!

چىن كۆڭۈلدىن بەلنى باغلاپ خەلق ئۈچۈن،
تىنماي ئىشلە نىشانسىزلىق ھارام ساڭا.

شەخسى ئىشىڭ ۋەتەن ئەلگە بېغىشلانسۇن،
پەنمەرىپەت ئىشلىرىگە قىل جان پىدا!…

ئېغىرچىلىققىيىنچىلىق تالدۇرمىسۇن،
ھاردىم دېيىش زور ئېيىپتۇر ئۇكام ساڭا!

خەلقىمىزنىڭ كۈتكىنىنى ئادا قىلىش،
ئىجاد قىلىش، مېھنەت قىلىش قەرزدۇر ساڭا!

ئەۋلادلارغا نەمۇنىلەر قالدۇرۇشقا،
ئۆمۈر بويى ئىشلىگىنىڭ راھەت ساڭا!

ھەركىم ئەگەر ئىستىقبالىغا سېلىپ نەزەر،
ئىش باشلىسا ئۇ، بولغۇسى ئۇستاز ساڭا!

ئوتلۇق يۈرەك قەلبىڭ تازا بولسۇن ھامان،
ۋىجدانلىق ئەر مەزلۇم ئەلگە چوڭ بىر پانا!…

كېلىچەكنىڭ مېھمانلىرى ئەستە بولسۇن،
قالدۇرغىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئارتسۇن يانا!

ئاناڭمۇ ھەم ساڭا بەرگەن سۈتلىرىگە،
رازى بولسۇن كۈتكىنىدەك ئىشلە ئۇكا!

خۇشال بولسۇن سېنىڭ ئۆسكەن ئايماقلىرىڭ
ۋەزىپەڭنى جان كۆيدۇرۇپ قىلغىن ئادا!

تەكەببۇرلۇق،ئىككى يۈزلۈك، يالغانچىلىق،
مەغرۇرلۇقنى سەن ئۆزۈڭگە ھېچ يولاتما!

قىزغىن روھلۇق، ئۆتكۈر كۆزلۈك، چىداملىق بول،
ئۇنۇتمىغىن ئەلنى دائىم ئەستە ساقلا!

بۇ سۆزۈمنى ئىش يۈزىدە كۆرسىتىشتە،
سۆزى باغدا، ئىشى تاغدابولۇپ قالما!

كونا تۇرمۇش ئادىتىنى ئارزۇ قىلغان،
قۇرۇق مېڭە جاھىللارغا ئۇرغىن پەشۋا!

گۈللەپ ئۆتسۇن يۇرتىمىزدا مەدەنىيەت،
قانلار يۇتسۇن كۆرەلمەسلەر ھەم ئىپلاسلار!

ئارزۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەندە،
قەتئىي بولۇڭ كۈچلۈك بىلەك سىزدەك ياشلا!

بۈگۈن سېنىڭ بۇ شەرەپلىك خىزمەتلەرنى،
ئۆتەش ۋاقتىڭ سۇسلۇق قىلما سەن بۇ يولدا!

خەلق ئۈچۈن ئىشلەيدىغان يارانلارغا،
ئىلھام بولسۇن ئىلتىماسىم ئۆز ۋاقتىدا.

سېزىلسە ئەگەر خەلق ھاياتىنى قىرغۇچى،
يوقۇتۇشقا بىر مىنۇتمۇ سۇسلۇق قىلما!

يالغۇز ئەگەر نۇرغۇن دۇشمەن ئارا كىرسەڭ،
بومبا بولۇپ پارتلا ئۇنى تىتىپ تاشلا!…

قايناپ تۇرسۇن قىزىق قېنىڭ ۋولقانلاردەك،
پۇرسەت بەرمە ئالدامچىغا ئىنىم ئەسلا!

ئۈگۈنۈشتە تىرىشچانلىق يولۇڭ بولسۇن،
يانجىپ تاشلا ئەگەر يولۇقسا توسالغۇلا!

چېلىشكۈرەش مەيدانىدا جەۋلان قىلغىن،
ئارتتا قالغان ئوغلانلارنى ئالغا باشلا!

شۇ مەقسەتتە ئىشلەيدىغان بارلىق ئۇكام،
نىمشېھىتنىڭ تىلىكى شۇ بېسىڭ ئالغا!…

1941-يىل 23-ئاۋغۇست، ئاقسۇ

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ