بۇلبۇل بلوگى

0

ئۇف…

366

 

تاڭ نومۇس قىلماي يەنە ئاتتى:

خۇددى كېچىدىن ھېچبىر ئىش بولمىغاندەك

دىمىق نەپەسلەرنى بوغمىغاندەك

كۆلەڭگىلەر كۆلەڭگىلەرنى ئاياغ ئاستى قىلمىغاندەك

ياستۇقلارنىڭ كىرپىكلىرى شەبنەمدە ساڭگىلىمىغاندەك

تىزلار ئۆزىنى چىڭ قۇچاقلاپ، لەۋلەر ئۆزىنى چىشلىمىگەندەك

ۋاقىت ئۆزىنىڭ رەزىللەرچە ئۇزۇنلىقىدىن يىرگەنمىگەندەك

ئاۋازلارنىڭ يېڭى-يېڭى قىينالغان نۇسخىلىرى ئاڭلانمىغاندەك

كېچىنى غەنىمەت بىلىدىغانلار مۇرادلىرىغا يەتمىگەندەك

بۈگۈننىڭ ئاخىرىدا كېچە قىرغىنىنى يەنە باشلىمايدىغاندەك

تاڭ نومۇس قىلماي يەنە ئاتتى…

 

2015.8.16

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ