بۇلبۇل بلوگى

0

تۇز قەسىدىسى

208

1
باشقىچە كۈيلەيدۇ ئالۋۇن مەپىسى
شاخلاردا تۈنىگەن قانداق بىر ئانار؟
كېلىپلا يوقالدى سىياھ پەنجىسى
پەنجىلەر كۆكىدىن يوپۇرماق ياغار.
تۇغۇلدۇم خىيابان قۇشنىڭ رەڭگىدە.
شاخلارنىڭ ئەۋجىدىن يۈكسىلەر ئاسمان
چۆكۈپ يەر يوپۇرماق قاينىمى ئىچرە
كېلىپلا يوقالدى سىياھ پەنجىسى
پەنجىلەر كۆكىدىن يۇپۇرماق ياغار.
تۇغۇلدۇم خىيابان قۇشنىڭ رەڭگىدە.
شاخلارنىڭ ئەۋجىدىن يۈكسىلەر ئاسمان
چۆكۈپ يەر يوپۇرماق قاينىمى ئىچرە،
قۇترىغان ئوت كەبى ئۈزىدۇ ھەر يان.
بىلسەڭلا باغلاردىن باشلىنار يولۇم،
قېنىمغا ئىبادەت ئەيلىدىم ھەر ئان.
يوقالغان چاقماقىنىڭ ئېغىر تېشىدا،
ئاھ مېنىڭ جىملىقىم قىلىپتۇ جەۋلان.
توزۇتسا ئۆيۈمنىڭ كېسەكلىرىنى.
ئۆيلىرىم ئىزدىدى، تۇرۇشتى يوقلاپ،
ئېسىمدە، «خوش» دېدىم ئاداققى بىر رەت
يەنىلا شۇ يەرگە كەلدىم دۇدۇقلاپ.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ