بۇلبۇل بلوگى

0

تۇرپان كېچىسى

307

نېمىدىگەن ئىسسىق، نېمىدىگەن دىمىق،
نېمىدىگەن تىنجىق تۇرپان كېچىسى.
بۇغۇلدى نەپەس، بۇرۇقتۇم قەپەس،
تەرلىتەر چىپ-چىپ، تۇرپان كېچىسى.

سايلاردىن سوقسا ئىسسىق شاماللار،
يىغلار بۆشۈكتە تەرلەپ بالىلار،
ئەللەي ئېتىدۇ، بەزلەپ ئانىلار،
نېمىدىگەن تىنجىق تۇرپان كېچىسى.

تۇرار جىمىرلاپ كۆكتە يۇلتۇزلار،
باغلاردا سۇلغۇن گۈللەر-قۇندۇزلار،
يەلپۈگۈچى قۇلىدا، زارلانغان سۆزلەر،
نېمىدىگەن تىنجىق تۇرپان كېچىسى.

جۈجەملەر گويا تامچىلىغان ياش،
يىغلاۋاتقاندەك يۇرتتا قېرى-ياش،
قاچان چىقاركىن قۇياش ئېتىپ قاش؟
دەھشەت قاراڭغۇ تۇرپان كېچىسى.

قاچان نۇر چېچىپ ئاتار ئالتۇن تاڭ،
ئاتمامدىكىن دەپ بولمىغىن ھاڭ-تاڭ،
سۈبھى يورىدى، يورىدى بۇ تاڭ،
بەرىبىر ئۆتەر تۇرپان كېچىسى.

1922-يىلى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ