بۇلبۇل بلوگى

0

تۈرمە خاتىرىسى

231

1
نەچچە يىل كەزدىم،بىڭ دىيارى غۇربەتنى،
كۆرمىگەنىدىم بۇنداق ئازاب-ئوقۇبەتنى.
ئاقىۋەت كېلىپ ئەلگە،قىلىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت،
مۇكاپات ئورنىدا ئالدىم بۇ ئازارى كۈلپەتنى.
تاقىتىم تاق بولدى بۇندىكى خەلقنىڭ نىدايىدىن،
قۇلاقلىرىم گاس بولدى كىشەنلەر سادايىدىن.
ئېخ، بىچارە مەزلۇملار! گۇناھى زادى نېمە؟
بىر ماڭدامچە يەر تەگمىش بۇ ۋەتەن پاناھىدىن.
روھىم ئەجەب قىسىلدى يالغۇزلۇقتا تۇتقۇندا،
سائەتلىرىم ئۆتمەكتە كىشەنلىنىپ زۇلمەتتە.
يېشىم ئوتتۇز ئالتە ياش تاشتىن بەتتەر قاتتى باش،
ئادا بۇلار ئوخشايمەن بۇ خىل قايغۇ-ھەسرەتتە.
2
تۇتقۇن بولدى بۇلبۇللار يۇرتنى بۇلغىدى قاغا،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈنى ئېسىلۇر دارغا.
بۇ قاراڭغۇ يىللاردا تاپالمىدىم ئادالەت،
ئادالەتكە ئىنتىلسەم،قولغا ئالدى سىياسەت.
خەلقىم ئۈچۈن ئىلىم-پەن تەرەققىيات ئىستىدىم،
نىيىتىم ساپ،دىلىم ئاق، ئۆتكۈزمىدىم جىنايەت.
قادىر ھاجى كىرىپ كەلدى يېنىدا گۇندىپاي ئالتە،
ھەقىقەت نە، ئادالەت نە، بىلمەيدۇ ئەقلى بەك كالتە.
كىشەن قىستى سىنى تەۋپېق، قىلما زەررىچە پەرياد،
پىدا قىل جاننى سەن ئەمدى، بېشىڭغا كەلدى بۇ ئەرسات.
ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسيان ئىتەر،
كۈندە مۇشتۇمدەك كېسەك، خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر.
خۇدا بىلۇر بالىلىرىم قالدى دادۇ پەريادقا،
دېرىكىمنى ئالالماي سەرسان بولۇپ ھەر ياقتا.
ئەل خائىنى مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق،
ھۆكۈمەتكە ئۈستۈمدىن خەۋەر بىرىپسەن ساختا.
1937-يىل ماي،قەشقەر، ياۋاغ تۈرمە
….خائىن مەمتىمىن-ئەسلى ئاتۇشنىڭ مەشەت دېگەن يېرىدىن.بۇ يەردە 1930-ۋە 1940-يىللىرى سېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىۋەتكەن خەلق دۈشمىنى–مەمتىمىن ئاق كىرپىك كۆزدە تۇتۇلۇدۇ.

 

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ