بۇلبۇل بلوگى

0

تۇرغۇن ئەھەتنىڭ جىنلىرى

200

ئ‍ۇزاق ئ‍ويلاپ
جەننەتكە بىر قەدەم قالغاندا،
ئازراق سۆزلەپ
خۇداغا قىيداپ قالدى.
ئ‍ۇزاق ئىشلەپ
دۇنياسى پۈتەي دېگەندە،
ئ‍ازراق توختاپ
ئ‍ۆزىنىڭ ھايات ئ‍ىكەنلىكىنى ئ‍ېسىگە ئ‍الدى
ۋە
جىنلىرىغا مۇنداق دېدى:
كېلىڭلار
كېلىڭلار،
ئ‍ۈستۈمدىن ئ‍اسمان
ئ‍استىمدىن ئ‍ايالنى ئ‍ېلىڭلار.
ئ‍وڭ تەرىپىمدىن پىچاق
سول تەرىپىمدىن توقماقنى ئ‍ېلىڭلار.
ئ‍اپئاق چېچىڭلاردىن ئ‍ات- ئ‍ۇلاغ
كاۋاك دۈمبەڭلەردىن قورال- ياراغ
كېچىدىن ھۆل كۈل
سەھەردىن ئ‍ىت پوقى ئ‍ېلىڭلار.
كېلىڭلار
ئ‍اغزىمغا ئ‍وت قالاڭلار
كۆزۈمنى قاينىتىڭلار
تېرەمنى داپ قىلىڭلار
سۆڭىكىمنى راۋاب قىلىڭلار
چېلىڭلار…
ئ‍ۈمىدىم: ئ‍ازراق چىرايلىق ھايات
ئ‍ازراق ئ‍اسان ئ‍ۆلۈم، ئ‍ازراق سۇئال- سوراق
ئ‍ازراق سالقىن دوزاق، ئ‍ازراق، ئ‍ازراق…
ئ‍اي قۇدۇقىدىن بىر قەترە سۇ ئ‍ىچىش
يۇلتۇزدا بىر لەھزە كۆز ئ‍ېچىش
قۇياشقا بىر قىتىم قاراش ۋە
كۆيۈپ كېتىش!
.
جىنلار ساماغا چۈشتى
يەر ئ‍ايلاندى
ئ‍اسمان ئ‍ايلاندى
ئ‍ۈپۈر- دۈپۈر
قىررۇ- چىررۇ
ۋاررۇ- ۋاررۇ
دۈم- تاق، تاق
دۈم- تاق…
ئ‍ادەم راھەتخانىسىدىن
ۋۇجۇد كاشانىسىگە يەتكۈزدى
ئ‍ىڭگىل- شىڭگىللىرى بىرلە…
سۈپۈرگە جىن
كونا تۈگمەنگە قايىتتى.
چېلەك جىن
تۈۋى يوق قۇدۇققا قايىتتى.
شامال جىن
بۇلۇتقا قايىتتى.
يامغۇر جىن
تۇپراققا قايىتتى.
ھاۋا ئ‍ېچىلدى
ئ‍ەمدى
تۇرغۇن ئ‍ەھەت تويدا ئ‍وينايدۇ!
.
2016- يىل 13- مارت. كۇچا

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ