بۇلبۇل بلوگى

0

تۈنۈگۈندىن بىرى يوقاپ كەتكەن بىر قىزغا

396

ئۇ پەيدا بولغاندا
مەن تۇيۇقسىز بىر خۇشخەۋەرنى ئاڭلىغاندەك تۇرۇپ قالغانىدىم،
ئاندىن ئۇ مەندىن بىرەر ئىجازەت ئالماي
بىر تاشتەك يېنىمغا تاشلاندى
ۋە تاشتەك سۈكۈتى بىلەن
ماڭا باشتىن – ئاخىر قاراپ چىقتى؛
قولۇمنىڭ ئاۋۋالقىدىن سەل قوپال بولۇپ قالغانلىقىنى
پۇتۇمنىڭ بىر يەردە تۇرالماس كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى
ساقىلىمنىڭ كېلىنلىك ئۆيدەك پاكىزە قىرىلغانلىقىنى
تاماكا چېكىش قېتىم سانىمنىڭ بىر ھەسسە
مەستلىكتىن يېشىلىش ۋاقتىمنىڭ ئىككى سائەت ئۆرلىگەنلىكىنى
داڭقىمنىڭ يەتتە ئىقلىمغا پۇر كەتكەنلىكىنى ھېچكىمگە تىنماسلىق ئۈچۈن
يوقاپ كەتتى.

تۈنۈگۈندىن بىرى
مەن تاشنىڭمۇ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدىم،
بەلكىم ئەمدى كەلسە
شامالدەك كېلىشى
ئۆلۈمدەك ئىگىلىشى مۇمكىن.

ئەگەر ئۇنى كۆرسەڭلار،
ئابدۇرېشىتنى ئارتۇق ئويلاتما، دەپ قويۇڭلار،
ئەگەر گېپىڭلارغا دىققەت قىلسا
ھېچنېمە دېمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىشىڭلارنى
دىققەت قىلمىسا
داۋاملاشتۇرۇشۇڭلارنى ئەسكەرتىمەن.

2016- يىلى 8- دېكابىر

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ