بۇلبۇل بلوگى

0

تۈندىكى ئايال

223

ئۇچىسىدىكى كۈندۈزنى سېلىۋېتىپ
چاچلىرىنى ۋە مەيلىنى قويۇۋەتتى:
تامامەن كېچىنىڭ ئىلكىدە ۋە
تامامەن كېچىنىڭ ئىچىدە ئىدى
كېچىدەك ھىم
كېچىدەك چىڭ
كېچىدەك سىلىق ۋە
كېچىدەك تولۇق ئىدى…

 

كېچىنىڭ يۇمشاق ۋە مىھرىبان قوللىرى
قىززىپ كەتكەن باش سۆڭىكىمنى سىلاپ چىقتى:
سان-ساناقسىز قۇرتلاردەك قىمشىپ كەتكەن مېڭەم
خىيالىمدا بارغانسېرى چوڭىيىۋاتقان بارخانلار
چاڭگىلىمغا سىغماي قېلىۋاتقان جېنىم
جېنىمغا يېپىنچا بولۇشتىن زېرىككەن تېنىم
كېچىنىڭ تەگسىز كۆزلىرى
قەلەمگە ئالغۇسىز سۆزلىرى
نەپسى يېتىشمەي توختاپ قالغان زامان
يەرشارىنىڭ خۇدىنى يوقاتقان تارتىش كۈچى
نيوتۇننىڭ ئالمىسى
بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرى
يۇرتىمىزدا پارتىلىغان ئاتوم بومبىسى…
بۇلارنىڭ ھەممىسى كېچىدە، ئوڭۇمدا ۋە
يېرىم-يارتا خىيالىمدا
ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتتى…

 

2015.12.09

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ