بۇلبۇل بلوگى

0

تۈن شاماللىرىدىن سالام

440

تۈن شاماللىرىنى قارشى ئالدىم
سىزنى ئەمەس
ئۇنى ئۆزۈمنى سۆيگەندەك سۆيدۈم
سىزنى ئەمەس.
بىراق مەن ئۇنىڭ كېلىشىنى سىزگە ئوخشاتتىم،
سىز كېلەتتىڭىز
تەقدىرىمنىڭ چىتلاقلىرىدىن
كۈنلىرىمدەك شەپە چىقارماي.
ئۇنىڭ يېنىمدا ئولتۇرىشىدىن
سالقىن قوللىرى بىلەن پىشانەمنى سېلىشىدىن
ئاندىن
قاراڭغۇلۇققا مۈكۈنۈپ مېنى ئىزدىتىشلىرىدىن
سىزنىڭ ھىدىڭىزنى پۇرىدىم،
ئۇزۇن ئەمما ھەسرەتلىك ھېكايىڭىزنى ئاڭلىدىم.

مېنىڭ تاڭلىرىم سىز تەرەپتىن ئاتىدۇ
مېنىڭ مەنزىلىم سىز كەتكەن يولدا سۇزۇلۇپ ياتىدۇ
سىز بولغاچقا جىمجىت رېئاللىقىم
مېنى ئالدىرىتىدۇ، ئالدىرىتىدۇ…

دېرىزەمدىن كىرىۋاتقىنىنىڭ تۈن شامىلى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز،
ئۇنىڭ بىلەن يىرتىلغان سېغىنىشلىرىمنى يامىغانلىقىمغا ئىشىنەمسىز؟
گۈزەل بىر يالغۇزلۇقتا مەن
شۇ ھالدا ئۇخلاپ قالسام
چۈشلىرىمنىڭ ئىشىكىنى چېكەمسىز؟!

يېنىمدىكى ھازىردىن سالام
سىزنى ئەسلەتكەن تۈن شاماللىرىدىن سالام.
سىزگە قاراپ خىيالغا پاتقان
ئوخشاش بىر ئاسماندىكى ئايدىن سالام!

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ