بۇلبۇل بلوگى

0

تۈن كۈيى

201

يېشىل پەنجىرىدىن بىر گۈل ئات ماڭا

نۇر بىلەن تولسۇن قەلبىمنىڭ ئىچى.

كەلدىم مانا پەسىللەردەك ئىشىكىڭگە،

كۆزلىرىمدە بۇلۇت، چېچىمدا شەبنەم.

 

ئېچىلغان بىر گۈلسەن ياپراق-ياپراق

مەن ئىشقىم بىلەن باھار ئېلىپ كەلدىم ساڭا.

توپىلىق يوللىرىڭدىن ئۆتۈپ ئۇزاق

ئىقلىملاردىن ناخشا ئېلىپ كەلدىم ساڭا.

 

سۈزۈك تامچىلاردا تىترىگەن ئېغىر

غۇنچىنىڭ ئاستىدا پۈكۈلدى ھەر ساق؛

سەن ئۈچۈن شاخلىرىدىن  سۈزۈلگەن ئەتىر،

سەن ئۈچۈن يەسىمەن، كارانفىل، گۈلسامساق…

 

بىر قۇشنىڭ ئاۋازى كېلەر لېۋىمدىن

كۆزلىرىڭ ئېچىلدۇرار كۆڭلۈمدە نەرگىس،

چۈشكىنى سۆيۈشتۇر ياڭاقلىرىمدىن

سۆسۈن ئاكاتسىيە بىلەن ئۈششىگەن سەھەر.

 

پەنجىرەدىن بىر گۈل ئاتقان چېغىمدا

نۇر بىلەن تولىدۇ قەلبىمنىڭ ئىچى.

كەچمەكتىمەن پەسىل كەبى ئىشىكىڭدىن

كۆزلىرىمدە بۇلۇت، چېچىمدا شەبنەم.

 

* * * * * * *

ئاپتورى: ئاھمەت مۇھىپ دىراناس

ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ