بۇلبۇل بلوگى

0

توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا

169

توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا ، ھەر بىر قاراپ ئەتراپقا مەن ،

تولغىنىپ كەتتىم يىلان چاققان كەبى ئازابتا مەن .

نېمە بۇ ، بىر چۈشمۇ يا دەھشەت < قىيامەت > بولدىمۇ ،

ياكى ئەلنىڭ ئەجىلى _ پەيمانىسى لىق تولدىمۇ ؟

ئاندا قىيقاس ، مۇندا ئۇر _ پاپ ، قول سۇنۇق ، باش _ كۆز يارا ،

نى يىگىت _ قىزلار جان تالىشىپ مەيدان ئارا .

تۈنۈگۈن «يولداش» دېيىشكەن جان بۇرادەرلەر بۈگۈن ،

بىر _ بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بەسلىشەرلەر كۈن ۋە تۈن .

بولدى مەكتەپ زاللىرى قىرغىنچىلىق قورغانلىرى ،

تەجرىبە ئەسۋابلىرى _ بومبا ياساش سايمانلىرى .

كارخانا نەيزە ياسار ، ئورغاق سوقۇشنى توختىتىپ ،

كىيدى قالپاق بەزىلەر گېتلىر ساراڭغا ئوخشىتىپ .

ئاقتى قانلار كوچىلاردا ، ئاقتى زاۋۇت سېخىدا ،

ئىلىنىپ قالدى جەسەتلەر گاھ دەرەخلەر شېخىدا .

ئاقتى قان ، ئاقتى قېرىنداش ھەم بۇرادەرلەر قېنى ،

نېمىدەپ يەكۈن ياساركەن بۇڭا تارىخ بىر كۈنى !

«توۋا» دەپ تۇتتۇم ياقا ، ھەر كۈنلۈكى قانغا قاراپ ،

شۇنچە قانغا كىم خەلقنىڭ ئالدىدا ئېيتار جاۋاب ؟

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ