بۇلبۇل بلوگى

0

تورغاي

313

كۆيۈشكەن تېرەكلەر،قۇرۇغان گۈللەر،

يۈرەكنى قۇرتتەك غاجايدۇ تىنماي.

ئەركەكلەرقېنىدىكى خۇمارلىق ئازاپ،

قەپەسكە سولانغان ناتىۋان تورغاي.

 

تەلۋە بىر ئايالنىڭ پاكىزلىقىدەك،

رىئاللىق ۋەسلىدە قاينايدۇ خورلۇق.

كىمگىدۇر ئېسىلىپ يىغلىۋال،مەيلى،

شۇندىمۇ بىرتېمىم چىقمايدۇ ھاردۇق.

 

قاسساپتەك تىغ تۇتۇپ ياشىغۇڭ كىلەر،

سېغىنىپ قالىسەن ئەركىڭنى بەلكىم.

ئادەملەر كۆنۈپ كەتتى شۇنداق ياشاشقا،

تۇرمۇشنىڭ قەھرىمانى بولالماس ھېچكىم.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ