بۇلبۇل بلوگى

0

تىيىپجاننىڭ گەمىسى

155

شۇ غېرىپ چۆلدە شائىر گەمىسى،
مۇڭلۇق شىۋاقلارغا قالدۇرۇپ نېكەم.
تەتۈر قىينىغان قىسمەت گۇۋاھىي،
چاپلاشسا ئاسانچە قويماس دەرت-ئەلەم.
تام ئۈزرە بىر سىزىق بىر كۈندىن نىشان،
ئوچاقتىن ئوت يانار قاراڭغۇلۇشۇپ.
ھال-مۇڭغا جەزىرە، نەدە بىر ئىنسان،
مىسكىن كۆڭۈلگە ھەسىرەت ئۇلۇشۇپ.
قەلىمى جان تۇرسا، چۈشەيدۇ لېكىن،
مىسرالار ئۇچقاندەك كۆرۈنۈپ يوقار.
روھىدا ھەقىقەت، كۆزىدە شەپەق،
بارمىدۇر ئۇنىڭسىز يەنە بىر دىلدار.
بۇ مەينەت مېنىڭدە تۇرماس دەپتىكەن،
شىۋى قەدرىگە ئۇچرىدى بىر كۈن.
ئۇھ! دېدى، چۈشۈممۇ بۇ ياكى ئوڭۇم،
تارىخنىڭ قولىدا ئادىل بىر يەكۈن.
2009-يىل

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ