بۇلبۇل بلوگى

0

تېخى كۆپ ئىمتىھان شۇنچە

169

سەھەر گۈلشەندە بۇلبۇلنىڭ ناۋاسى خۇش، راۋان شۇنچە،

نە خۇشكى، تىڭشىساڭ گاھى يانار ئاھۇ پىغان شۇنچە.

نېچۈن بۇلبۇل پىغانساز دەپ، كىشى تاڭ قالمىغاي ھەرگىز،

ئايانكىم، گۈلمۇ ھەر تاڭدا قىلۇر باغرىنى قان شۇنچە.

تەپەككۇر ئەھلىگە بىر سىر ئەمەس بۇ ئىشق دۇنياسى،

تىكەنلىك مەنزىلى كۆپتۇر، يەنە تاشلىق داۋان شۇنچە.

ھەۋەس باشقا، ئىشق باشقا، ئەمەستۇر سۆيگۈ ئاۋۇنچاق،

كىمكى بولسا چىن ئاشىق، ئاڭا بۇ گەپ ئايان شۇنچە.

ئۆتۈپ يىللار، كۆچۈپ قۇملار، قېرىپ كەتكەندىمۇ دۇنيا،

مۇھەببەت خۇددى ياش قىزدەك سۈرەر دەۋران ھامان شۇنچە.

رىۋايەتتە تۈگۈل، بەلكى ھەقىقىي لەيلى-مەجنۇنلار

يېتىلمەكتە زامانەمدە يەنە مىڭ-مىڭلىغان شۇنچە.

يېرىپ تۈن باغرىنى ھەر كۈن شەپەق يايغان كەبى ئاپتاپ،

مۇھەببەت ئەھلى ئاھىدىن قىزارمىشۇر جاھان شۇنچە.

ئادەمزات سۆيگۈ بابىدا ئوقۇپ ئۆتتى ھېسابسىز دەرس،

لېكىن ئاشىق ئۈچۈن تاڭنا تېخى كۆپ ئىمتىھان شۇنچە.

كىمكى باغلىسا مەڭگۈ ۋەتەنگە ئىشقىنى بىشەرت،

نې مۈشكۈل ئىمتىھانلارمۇ بولۇر قەتئىي ئاسان شۇنچە.

1980-يىل 19-مارت، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ