بۇلبۇل بلوگى

0

تەسىراتىم

213

ئوقۇپ ئەشئارلىرىنى غەرق مەست بولۇپ،

تەسىراتىم چىنىسىگە تەسىرات تولۇپ،

كۆزۈم بىر نۇقتىغا قاراپ قېتىپ قالىدۇ،

ۋۇجۇدۇم خىيال بەھرىگە پېتىپ قالىدۇ.

يېپىپ كىتاپنى، ئۆزۈمگە سۇئال بىرىمەن،

نەۋائى قانداق بىر ئۇلۇغ ئادەمدۇر دەيمەن.

قېنىدۇر شۇ نەۋائى، قېنى بىر كۆرسەم،

مۇبارەك قوللىرىنى ئۇنىڭ بىر سۆيسەم.

قاراپ تۇرسام ‹‹ خەمسە ››نى يازغاندا،

قاراپ تۇرسام قەلەمدە گۆھەر قازغاندا.

قاراپ تۇرسام پەرھادقا رەسىم سىزغاندا،

قاراپ تۇرسام شېرىنگە گۈللەر تىزغاندا.

قاراپ تۇرسام بەھرامنىڭ قىياپىتىگە،

قاراپ تۇرسام گۈلەندەمنىڭ لاتاپىتىگە.

قوي شائىر، سۆزلىمە، جۆيلۈپ يوققا،

نەۋائى كۆمۈلگەن ئەمەس تۇپراققا،

يۈرۈكى پاتمايدۇ ئالەمدە لەھەتكە،

روھى يۆلەنمەيدۇ ساماغا-ئەھەدكە.

ئۇنىڭ مازارىنى ھەر بىر ۋاراقتىن ئىزدە،

گۈمبەز-قەبرىسىنى ھەر مىسرادىن ئىزدە.

ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن،

ئۇ ھەر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن.

 

1944-يىل ئىيۇل، ئاقسۇ

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ