بۇلبۇل بلوگى

0

تەرتىپ

215

كىتاب ئوقۇيمەن

خالىغان بىر بەتنى قاتلاپ قويۇپ

ئويلىمىسىمۇ بولىدىغان بىر ئايالنى ئويلايمەن،

ئاندىن ئۇنىڭ ئىسمى بولۇشى مۇمكىن بولغان بارلىق يۇلتۇزلارنى

بىر قۇشقا ئالـماشتۇرىمەن،

قۇشنىڭ –

ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنى كۈزەتكەچ

ئايرىلىشنى مۇكەممەلەشتۈرىمەن،

دېرىزىنى ئېچىپ قويۇپ

ئىشىكتىن چىقىمەن ۋە

ئاستا يېپىپ قويىمەن،

ئىشىك –

بىرسىنىڭ كېلىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ

ھېچكىم ئېھتىياجلىق بولـمىسىمۇ ئىسپاتقا،

قايتمايدىغان بىر يەردە

بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن يول ياسايمەن

بۇزۇش ئۈچۈن شەكىللىنىۋاتقان تەرتىپنى

 

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ