بۇلبۇل بلوگى

0

تەرىقەت ھىسلىرىم

218

1

ئەي خەزىنەم، سىز ئۈچۈن مەن خانىدانىمدىن كېچەي،
بولسا ئىمكان بۇ ماكانىم ، بۇ زامانىمدىن كېچەي…

قاش ئېتىپ كەلسە ۋاپاسىز، باغرى تاش دۇنيالىقىم،
تەنگە مىھمان جان ئۈچۈن سالغان ئۇۋالىمدىن، كېچەي.

ياز بىلەن كۈز بەرىبىركەن جانغا راھەت بەرمىسە،
بولسا ۋەسلىڭىز زىمىستان، مەن باھارىمدىن كېچەي.

ئۆرتىنەر جان ھەر دەقىيقە سىز بىلىنمەك ئىستىگەچ،
شۇل مۇراد ھاسىل ئۈچۈن، مەن بولدى جانىمدىن كېچەي.

2
ئىشق سالىكلەرى كۆپتۇر، سۆيۈش ئىمكانى كام بۇندا،
سەۋەب: داۋراڭغا تۇشلۇق يوق قەلب، ئىمانى كام بۇندا.

جاھان مۈلكىگە تاشلانغان نەزەر دەۋاسى – سۇلتانلىق،
قىلارغا ھەق ئۈچۈن ئېرشاد، كۆڭۈل سۇلتانى كام بۇندا.

مەگەر ئاشىق تەلەب ئېتسە، تەلەب ۋاسىل ئەمەس، دەردتى!
ئىشق دەردىگە بەرداش يوق، سەبىر پەيمانى كام بۇندا.

مۇھەببەت رەنجىدىن ئاۋاتلىشار ئەردى ھېيتگاھ دىل،
بىراق زاكىرغا پەر كەلگەي جۇنۇنى بارى كام بۇندا.

ئاپتور: زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
2010-يىل 5- ئاي

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ