بۇلبۇل بلوگى

0

تېرەن زامان

428

مەن سېنىڭ چەكلىك گەۋدەڭ بىلەن

مېنى چەكسىز قۇچاقلىشىڭنى تىلىدىم.

ئۇيقۇم سەن بىلەن قىش يوللىرى ئارىسىدا

ئۆرۈلۈپ-چۆرۈلۈپ تاماملانسۇن،

ئىچىمدە شىمالنىڭ قۇشلىرى جىمىقسۇن دېدىم.

قىشنى ۋە قىشنىڭ قەلبىمدە ئېغىرلاشقان مېۋىسىنى،

شەبنەم چۈشكەن، سوۋۇغان، توڭلىغان بىر تىلنى

ئەسلەش ئۈچۈن

مېنى سىھىرلىگەن  ئۇ كىميانىڭ بوشلۇقىدا

تۇرۇپ يالۋۇردۇم:

مېنى بۇ قارا بوشلۇقنىڭ ئىچىگە تاشلاپ قويما،

تېرەن بىر زامان ئىستىدىم سەندىن، ئەمما

ماڭا ئۇنى بەرمە! نە قىشقا، نە يازغا ئۇيغۇن ئەمەس

قەلبىم، چېقىۋەت ئارىمىزدىكى توڭلىغان تىلنى،

يوقلۇقىڭنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرەلمىدىم ئۆزۈمگە،

يوقلۇقىڭ ئۇزۇندىن بېرى بىر قارلىق چوققا كەبى

ئىچىمدە.

 

ئورنۇڭدىن تۇر، يېقىنلاش، تىلىڭنى ئايلاندۇر ئاغزىڭدا،

دېگىن:

مەن ئۇنىڭ بىلەن دېڭىز دۇمبالىغان تىلسىز

تاشلار ئۈستىدە زۇۋان سۈرمىگەنىدىم.

 

* * * * * * *

ئاپتور: بىرخان كەسكىن

ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ