بۇلبۇل بلوگى

0

تېپىلماس

249

قەسەم بىللا، سېنىڭدەك يارۇ جانان تېپىلماس،

ۋەسلىڭ ئۈچۈن مېنىڭدەك شەيدايى جان تېپىلماس.

ئۇجماق نېمە، ھۆر نېمە، قۇياش نېمە، ئاي نېمە،

ئالەم ئارا سېنىڭدەك ھۆسنى سۇلتان تېپىلماس.

مۈلكى جاھان تەختىدە بولسا شاھى سۇلايمان،

باسقان ئىزىڭ خاكىچە مۈلكى جاھان تېپىلماس.

غەم يۈكىدىن پۈكۈلگەن، دەھر ئوقىدىن تېشىلگەن،

مېنىڭ نىمجان تېنىمگە سەنچە لوقمان تېپىلماس.

ئۆلگەننى تىرىلدۈرگەن بولسا مەسىھ ئۇ زامان،

ئەمدى جانغا سېنىڭدەك ئارامى جان تېپىلماس.

ماڭا ئۈمىد، كۈچ-قۇۋۋەت، ئىشەنچ بېرۇر خىيالىڭ،

سەنسىز مەھزۇن دىلىمغا ھەرگىز دەرمان تېپىلماس.

قەسەم بىللا، مىسكىن جان جاھان تاپماس سېنىڭسىز،

جاھان نېمە، جان نېمە، سەنچە جانان تېپىلماس.

1972-يىل 1-ئىيۇن، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ