بۇلبۇل بلوگى

0

تېپىلار

240

 ئۈمىد شامى ئۆچكەن جايلاردىن،

ھەر قەدەمدە شەيتان تېپىلار. 

شەيتانلارنى پىر تۇتۇپ يۈرگەن ،

سۇنۇق چىراي نادان تېپىلار. 

ئارمان بولسا يوقسۇل مەن دىمە ،

ئارمان بولسا دەرمان تېپىلار. 

تېرىپ تۇرغىن ئېتىزلىرىڭنى ،

دېنىڭ بولسا خامان تېپىلار. 

خامان بولسا ئامبار تېپىلار ،

نېنىڭ بولسا دۇكان تېپىلار. 

يۇقاتمىسۇن يىگىتلىكىڭنى ،

ئۆيلەنگۈدەك جانان تېپىلار. 

ھېچقىسى يوق مىنسەڭمۇ ئىشەك ،

مىنىپ تۇرساڭ تۇلپار تېپىلار. 

توۋلىغۇدەك ناخشاڭ بولسىلا، 

بەزمە-مەشرەپ دۇتتار تېپىلار 

خيال سۈرۈپ جىمىساڭ مەيلى ،

ئويلانغانغا زۇۋان تېپىلار .

تىلىڭ ئامان بولسا بىركۈنى ،

سۆزلىگۈدەك مەيدان تېپىلار.

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ