بۇلبۇل بلوگى

0

تەنھالىقنى خالاش

249

 

 

خالايمەن تۇتۇشنى ئايغا گۈلدەستە،

يۇلتۇزلار پەرشكە چۈشكەن زاماندا.

يۈرىكىم گۈلدۈرلەپ تۇرسىمۇ پات-پات،

ھېچكىمگە ئاڭلانماس تىمتاس ماكاندا.

 

بوينۇمغا چىرمالدى ئېچىرقىغان يول،

ئورۇقلاپ كەتمەكتە تەنھا كىرورەن.

تۇرالار كىرمەڭلەر چۈشلىرىمگە دەپ،

ئوغۇزخان جەننەتتە سالماقتا سۈرەن.

 

تەڭرىدىن زېمىنغا كەلدى بىر ۋەھى،

ئەۋرىشكە بولغۇم بار كۆك تەڭرى، ساڭا.

يۇلغۇنلار تۈۋىدە ياتار كۆلەڭگەم،

ئادەممۇ رېئاكسىيە قىلماقتا ماڭا.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ