بۇلبۇل بلوگى

0

تەڭرىتاغدىن ئەسكەن شاماللار

328

ئەركىلىسەم يېنىپ مۇھەببەت،
كۆڭلىم كۆكلەپ كۆكنى قاماللار.
ئەركىلەتسەڭ مېنى ئەركىلەت،
تەڭرىتاغدىن ئەسكەن شاماللا.

 

ئاداق بىلمەس تىنىق بار سەندە،
ۋە تېپىلماس خۇشپۇراق ئىپار.
ھىلھىلىلەر ۋەسلىڭگە بەندە،
ھىلھىلىسەن تەڭداشسىز زىنھار.

 

لالىلەرگە ئۆتسەڭ،بىر جاھان،
سۆيگۈ تاشقان باغرىڭنى يېقىپ.
بەرگلەردىن كېتىدۇ شۇئان،
دەريا -دەريا كەۋسەرلەر ئېقىپ.

 

بىر تىنىقىڭ چۈشسە بىپايان،
سىماب كەبى بالقىپ كېتەر تاش.
سەپەر قىلساڭ ۋادىلار تامان،
ئاقيول تىلەپ قالىدۇ قۇياش.

 

سەھۋەن قەدەم بېسىپ يوللاردا،
سۇنسا كۆڭلۈم،سۇنسا خىيال-ئوي.
ئانا قولى— سېنىڭ قوللىرىڭ،
باش كۆزىمنى ئاستا سىلاپ قوي.

 

ھەسەتلەردىن ئوق يەپ ناۋادا،
بولۇپ قالسام غەمكىن،پۈكۈك بوي.
يارنىڭ لېۋى_سېنىڭ لەۋلىرىڭ،
لەۋلىرىمگە قاتتىق سۆيۈپ قوي.

 

قولىقىمغا پىچىرلا ھەردەم،
پۇرا مېنى،يۇتۇۋەت،يېگىن.
خۇماردۇرمەن ئېسىركىشىڭگە،
باغرىم دېگىن،جىگىرىم دېگىن.

 

ھەر سەھەردە ئوچۇق دېرىزەم،
ئىلھامىمنى بەرگىن ئەكېلىپ.
ھاياجانسىز ئۆتمەيدۇ ھەردەم،
ھاياجانغا ئۆتەي بېكىنىپ.

 

ئارچىلارنىڭ يېشىل رەڭگىنى،
بېغىمدىكى كۆچەتكە يەتكۈز.
قارىغايلارنىڭ زۇمرەت بەرگىنى،
يېشىللىقنىڭ ئەلچىسى ئەتكۈز.

 

سەن بىلىسەن مېنىڭ سىرىمنى،
دالىلارغا خۇي پەيلىمنى ياي.
ھەر زەررىگە نۇر تامار ئۇندىن،
ھەر زەررىگە بىردىن تولۇن ئاي!

 

ئەركىلىشىم قالمايدۇ ھەرگىز،
يوقتۇر ئاڭا چارە-ئاماللار.
ئەركىلەيمەن، سەن ئالتۇن نەرگىس،
تەڭرىتاغدىن ئەسكەن شاماللار.

 

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ