بۇلبۇل بلوگى

0

تېمىسىز

260

تۈزەلمەيدۇ دەردىم مىنىڭ ئۆلسەم كېرەك ،
تۇپراق بىلەن ئاغا- ئىنى بولسام كېرەك.
.
ئۆلۈم نىمە ؟ بۇ ھەمدە بىر سەيىر ، ئانا ،
ئۆغلۇڭ قارا يەرگە كەتتى، خەيىر ئانا.
.
تۈزەلمەس بۇ دەردىم مىنىڭ ، ئۈمىدىم يوق،
خىرە شامدەك كۆزلىرىمدە ئۆچمەكتە چوغ.
.
چوغ نىمەدۇر ؟ چوغ ھەم كۆيۇپ كۈل بولىدۇ ،
ئىنسان بىر كۈن ئۆز مەيلىگە قۇل بولىدۇ……
.
يۈرەگىمنى تامام قىلدىم ، يېغلاۋېرىپ ،
ھوزۇرۇمدا ئەجەل تۇرار غۇلاچ كېرىپ.
.
مەن ھاياتتا ئۆلۇمگە تىك بېقىپ ئۆستۇم …….
قېنى ماڭا ئاتالغان جاي ، كەتتۇق دوستۇم.

* * * * * * *

ئاپتورى: مۇھەممەد يۈسۈف

ھۈسەيىن ئۇيغۇرچىلاشتۇردى
* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ