بۇلبۇل بلوگى

0

تەلۋە لېرىكىلار1

236

بېتوننىڭ ھەسرىتىدىن تۇغۇلدۇم

سۇنىڭ ئىسيانىدىن

قۇياشنىڭ نازۇكلىقىغا سوقۇلۇپ

كېلىۋاتىمەن.

 

ساڭا سۆز يارىشىدۇ، ئاغزىڭنى تاييارلا.

 

سۇنۇق بىر شەھەر ھېكايىسىدىن تۇغۇلدۇم،

سۇنۇق مەسىلەدىن

پىيالە ۋە دەملەنگەن چايلارغا سوقۇلۇپ

كېلىۋاتىمەن.

 

ساڭا سۆز يارىشار، ئالما دە.

 

ئىچى ۋە ئەستىرى يوق بىر ھېكايىدىن تۇغۇلدۇم،

قارشى تەرەپلەر ۋە بالكونلاردىن

سىگىنال ئاۋازلىرىغا ئارىلىشىپ

كېلىۋاتىمەن.

 

ساڭا سۆز يارىشار، ئاغزىڭنى تەييارلا.

 

ئۇ كونا ھېكايە تۈگىدى،

ھەيرانلىقىمدىن تۇغۇلدۇم

دېڭىزغا چۈشتۈم

قۇرۇپ كېلىۋاتىمەن.

 

ئاپتور: بىرخان كەسكىن

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

 

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ