بۇلبۇل بلوگى

0

تەلكە ھەققىدە قوشاق

234

تەلكىنىڭ داۋانى بار،

ئۈستىدە تۇمانى بار.

سايرام كۆلىگە پاتقۇسىز،

ھەسرەتۇ-ئارمانى بار.

تەلكە دېگەن ئېگىز تاغ،

ئېتەكلىرى چىمەن باغ.

باشتىن ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ،

ئاجايىپ بايانى بار.

تەلكىدىن ئۆتكەن چاغدا،

قالاتتى يۈرەك داغدا.

ئوقۇپ-ئوقۇپ يىغلايتوق،

ھەسرەتلىك داستانى بار.

ئەمدى تەۋرەپتۇ سايرام،

تەلكىدە بولۇر بايرام.

بايرامنى قىزىتماققا ،

جان تىككەن ئوغلانى بار.

تۇغلۇقنىڭ ئەۋرىلىرى،

سادىرنىڭ نەۋرىلىرى.

ئات چاپتۇرۇپ ھەر تاڭدا،

توزاتقان توزانى بار.

ئېلاخۇن ئۆتكەن يولدا،

ئاپتۇمات تۇتقان قولدا.

داۋان ئاشقان ئەرلەرنىڭ،

ھەر تاشتا نىشانى بار.

چەكمەن كىيگەن ئەرلەرنىڭ،

جەڭگە كىرگەن شىرلارنىڭ.

ھەر تۈپ قارىغاي تۈۋىدە،

تامچە-تامچە قېنى بار.

يىشىل بەرقۇت يەرلەرنىڭ،

پاك ۋىجدانلىق ئەرلەرنىڭ.

نومۇس ئۈچۈن جان بەرگەن،

ئۇنتۇلماس قۇربانى بار.

تەلكە ئۆزى بىر داۋان ،

ئەمدى سۈرگۈسى دەۋران.

بۇ دەۋرانغا ئاتالغان ،

بۇزۇلماس پەيمانى بار.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ