بۇلبۇل بلوگى

0

تاش

236

دەسلەپ مېنىڭ يۈزۈمنى ئۇچراتتىڭلار، ئەڭ كونىسىمەن بۇ يەرنىڭ.

قارنىمەن دۇنيانىڭ. يەر يۈزىنىڭ ئاغرىقى مەندىدۇر.

قۇم ۋە تاش مەندۇرمەن.

 

تەنھالىقنىڭ ئۇچۇرىمەن، جىمجىتلىقنىڭ ئۇچۇرى.

تۇرۇشنىڭ ۋە قېلىشنىڭ كاتتا پىلانىمەن.

 

ھەر نەرسىنى كۆردۈم، ھەر نەرسىنى. سۇنىڭ كېتىشىنى، دەرەخنىڭ چېچەكلىشىنى.

تەكرار، تەكرار كۆردۈم مەن يەنە كۆردۈم. بۈيۈك زامان مەندۇرمەن.

 

دېڭىزلار، دولقۇنلار دۇمبالىدى مېنى، قاتتىق شاماللار ماكان قىلدى چوققىلىرىمنى.

چېقىلدىم، چۇۋۇلدۇم، كىچىكلىدىم؛ قايتتىم بىرلەشتىم ئۆزۈم بىلەن

ئاچساڭ، چاقساڭ، قارىساڭ؛ پۈتۈن يەر يۈزى، ھەر زەررەمدە.

 

تاش توشۇدۇم، ئىچىم ئۆزۈمدىن ھارغۇن مېنىڭ، تىلىم بەك ئۇزۇن بىر كۆيۈك.

ئەڭ كونىسىمەن بۇ يەرنىڭ.

 

* * * * * * *

ئاپتورى: بىرخان كەسكىن

ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ