بۇلبۇل بلوگى

0

تارىخ جەننىتى

194

(ساۋۇتجان موللاۋۇدۇۋ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىغا)

بايرام ئالى[1]، تاشكەنت، ئالمۇتا
ئاخىرقى بىر نەپەس بۇ تۇپراقتا تا.
مۇسىبەت، ھەسرەتتە ئاقتى دەقىقە
نە ئىلاج قالغانلار بوزلىغان بوتا.
سەپەر مەنزىللەردە ھالاۋەت دېمەي،
ھەر باسقان ئىزىدا بىر كىندىك ئىپار.
كۆزلىرى تويمىدى، باغرى قانمىدى،
نە ئارمان، ئوغلاندۇر شۇنداق ۋاپادار.
باقىي سەپەردىن غالىپ كېلەر روھ،
سەھەر يۇلتۇزىنىڭ نۇرىدەك بىللە.
ياخشىغا سارايدۇر تارىخ جەننىتى،
ئەي تەڭرىم، مەرھۇمغا رەھمىتىڭ ئەيلە.
2009
(1)تۈركىمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىنا قىلغان مەھەللە: يەر-جاي نامى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ