بۇلبۇل بلوگى

0

تار كەلمەكتە كوچىلار

238

تار كەلمەكتە كوچىلار،

ياتقۇزۇلغان تاشلىرى يوق.
ئېغىر كەلمەكتە ئايرىلىش،
تۆكۈلۈپ كەتمەكتە لەۋلەردىن سۆيۈش.

ھېچكىممۇ ھەممىگە بولالماس مەنسۇپ،
چۈشلەر ئاقار كۆز ئۇچلىرىمدىن.
تامچىلار كۆيدۈرەر كىرپىكلىرىڭنى،
سۆز يۇتار، سۆيگۈ يىغلار كۆزلىرىڭنى.

باق، كەلمەكتە قارا باسقانلار،
ئارقىسىدا يوقالماقتا ئاياغ ئىزلىرى.
يار كەتمەكتە، سايىسىدە قاراڭغۇلۇق،
سىقىلغان كۈنلەر ماتەم ناخشىلىرىنىڭ ئارىسىغا قايتماقتا.
لەۋسۇرۇخ يۇقى قالماقتا چىشلارنىڭ ئارىسىدا.

كەلمە دېمەك ئاسان، بەك ئاسان،
قېپقالماق بەسى-مۈشكۈل.
سۆيگۈ ئۈچۈن تاملار يېزىلماقتا،
كوچا بېشىدا كىشىلەر پاراڭلاشماقتا.
يۈتكەن بىر كۈن،
كۈننىڭ تۇغۇشىدا لىققىدە ئازاپلار بار،
پېتىشىدا چۇقان سالغان تىمتاسلىقلار…

ئەسلىدە ئانىلار، بۈيۈك ئازابلارنى تۇغماقتا،
ئايرىلىشتىن قېپقالغانلار قان قۇسماقتا.
ئانا رازى بولغان شۇنچە سۈت،
ئۆگىتىلگەن سۆزلەر،
قانات ئاستىدا قوغدالغان يۈزلەر،
ھەركۈنى بۇرنىدىن يىتىلىنىپ كەلتۈرۈلمەكتە.

بەك ئاسان سۈرۈلمەكتە مۇھەببەت پەيزى،
كۆڭۈللەرنى بەزلەش ئۈچۈن ھەر كېچە.
مەجنۇندىن قېپقالغىنى پەقەت رىۋايەت،
قايسى تەرەپتە سەن ئېيتقىن ئەي قەلب،
بىر تەرەپتە زەھەردەك ئازاب،
يەنە بىر تەرەپتە شېكەر يالىتىلغان ئۈمىت.
مەخرەج ئاشكارە،
ئەسلىدە
ھەر سۆيگۈنىڭ كەينىدە ئورتاق جىنايەت.

ئايرىلىشلار سۈنئىي،
سۆيۈشلەر ئەدەبىي،
تاشلىۋېتىشلەر غەيرى رەسمىي،
ئوقلار قانۇنىي،
ئۆلگەنلەر ھەقىقي،
نە چارە،
ئۇنۇتۇش ۋاقتىدۇر ئەمدى.

 

ئاپتورى: ئەمرە ئۆزدەمىر ( تۈركىيە)
تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ