بۇلبۇل بلوگى

0

تاماملىنىش

239

ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تاماملاندىم
قۇم بارخانلىرىدەك كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتىم
داۋاملىق سورۇلىشىمنى ئۈمىد قىلاتتىم

چەكسىز قاغجىراش مېنى قېلىپتىن چىقاردى
شەكلىمنى يوقاتتى
توختىماستىن شەكىلگە زار بولدۇم

ئۈچ ئاي ! قىسقىغىنە ئۈچ ئاي !
ئۇ مېنى بىر پارچە روماندەك يېزىپ تۈگىتىۋەتتى
بىر پارچە شېئىردەك چوڭقۇرلۇقۇمغا يەتتى
بىر تال مېۋىدەك ئۈزىۋالدى
شەربەتنىڭ شەكلىنى ئاتا قىلدى

سېرىق رەڭلىك شەربەت بولدۇم
ئاستا ئاستا قىزغۇچ رەڭگە كىردىم
ئەڭ ئاخىرىدا قان قىزىلىغا ئايلاندىم !

مەن ئۈچ ئايدا تەلتۆكۈس تاماملاندىم .

2016-4-7كۈنى ، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ