بۇلبۇل بلوگى

0

تاماكا تاشلاش

221

غالچىدەك بىر خۇمارنى يۈدۈپ

ياشاشقا باشلىدىم:

باشتا دەرتلىرىمگە گويا ماس كەلدى

بارا-بارا ئارتۇق كەلدى

ئېغىر كەلدى

ئاچچىق كەلدى

مەينەت كەلدى

دۆت، رودىپاي، ۋەيرانە، ئىنجىمارۇق، قاغىشتەگكۈر، ئۆلۈمتۈك، يارىماس، لەقۋا، لايغەزەل، بېلى بوش، ھاڭۋاقتى، مەرەز، ئەبگا…كەلدى…

 

لەۋلىرىمگە قىستۇرغۇدەك

بارماقلىرىمدا سىقىمدىغۇدەك

قان-قېنىمغا سىڭدۇرغىدەك

يانچۇقۇمدا ساقلىغۇدەك

ئەتىدىن كەچكىچە خىيالىمدىن چىقمىغۇدەك

بىردەم ئۇنىڭسىز قالسام خۇمارىم قوزغالغۇدەك

خۇمارىم تېنىمنى ۋە جېنىمنى يايرىتىپ قانغۇدەك

تاماكىدىن باشقا بىر، ئىككى، ئۈچ، …ئون، …مىڭ نەرسە تاپاي دەپ

تاشلىدىم.

 

2015.11.06

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ