بۇلبۇل بلوگى

0

تام 

482

ئ‍ۈنسىز يۆلەندىم يېنىمدىكى تامغا
ئ‍ۈنسىز يۆلەندى تاممۇ ماڭا
تامنىڭ تۇيۇقسىز ئ‍ايالغا ئ‍ۆزگىرىشىنى خالىمايمەن
چۈنكى ئ‍ايال مېنى كۆڭلىگە زورلايدۇ
قۇچاقلىشىمنى، سۆيۈشۈمنى تەلەپ قىلىدۇ
يىغلايدۇ بىر پەس، ئ‍اندىن مېنى تاشلاپ كېتىپ قالىدۇ
تەسەۋۋۇر قىلغۇم يوق تام ھەققىدە
تام تام پېتىچە تۇرسۇن
كېتىپ قالمىسۇن تام…
*
تەن ھامان سالىدىغان كىيىم
ھايات ھامان پاتىدىغان كۈن.
كەچ كىرمەكتە، تۆشەككە ئ‍الدىرايمەن
ئ‍الدىرايمەن، ئ‍الدىرايمەن…
ھاردىم ياشاشتىن، ياشاش سۆيۈشتۇر چۈنكى
سۆيۈش- بىر ئ‍ۆمۈر تۈگىمەيدىغان خۇدا
تۈگىمەيدىغان ۋەتەن، تۈگىمەيدىغان ئ‍ايال…
بىر ئ‍ۆمۈر قانچىلىك؟
ئ‍وتتۇز يىل، ئ‍اتمىش يىل، يۈز يىل
بەلكى بىر كۈندۇر، بەرىبىر
بىر ئ‍ۆمۈر ئ‍وخشاشلا ئ‍ۇزۇن، ياشاش ئ‍وخشاشلا جاپالىق.

ئ‍ۈنسىز يۆلەندىم يېنىمدىكى تامغا
ئ‍ۈنسىز يۆلەندى تاممۇ ماڭا.
تەسەۋۋۇر قىلغۇم يوق تام ھەققىدە،
تامنىڭ تۇيۇقسىز گەپ قىلىشىنى خالىمايمەن
سۆز- سۆيگۈ تەلەپ قىلىشتۇر،
ھەممە ئ‍ادەم
ئ‍اغزىنى ئ‍اچقان ھامان باشلايدۇ تەلەپ قىلىشنى.
تام تام پېتىچە تۇرسۇن
گەپ قىلمىسۇن تام.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ