بۇلبۇل بلوگى

0

سۈرەت

247

مەن بەك كونا بىر سۈرەتتە تۇرماقتىمەن.

چىرايىم ئۇ سۈرەتتىمۇ كونا بىر سۈرەتكە ئوخشاپ قالىدۇ.

مۇرەككەپ بىر مىستىتىكا، چىگىش بىر رېتىم

دەل شۇ پەيتتە توختاپ قالغان سۈرەتتە؛

ھېلىغىچە تۇرماقتا.

 

بىر زور يانغىندا قېتىپ قالغان بىر پەيت:

كۆۋرۈكى يوق بىر كۆۋرۈك تۈۋرۈكى،

مۇڭلىنىپ ئورنىدا تۇرغان.

سۈيى قۇرىغان بىر چوڭقۇر بۇلاق

بىر چاغدا فونتان، ۋە

بىر دەۋردە كۈلگەن ئاندىن خاراپلاشقان كونا بىر شەھەر.

 

بەش ئايال ۋە يېشىلغا مايىل سىياھ بېلىق:

بىرى يەنە بىرىگە ئۆمرىنى بەرمەكتە،

ئۈچىنچىسىدە بوينىنى سولغا بۇرىغان ھەسرەت

شۇ پېتى تۇرماقتا. تۆتىنچىسى بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدىكى بىر خىيال.

بەشىنچىسىگە بەك كونا بىر يامغۇر ياغماقتا.

 

رەڭسىز بىر كۈن ئىكەن،

سۈرەتنىڭ تېرەنلىرىدە بىر كۆمۈش دەريا،

قېتىپ قالغان پەيتتىن سىرتقا، يالغۇز ئۇلا، ماڭماقتا.

 

* * * * * * *

ئاپتورى: بىرخان كەسكىن (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ