بۇلبۇل بلوگى

0

سۇ

380

گەپ قىلمايمەن ئەمدى، ئېغىر گەپلەرنى قىلمايمەن

بىر چۈش ئۈچۈن ئەتىگەنلىرى كۆكسىمگە سەدەپتىن

بىر گۈل نەقىشلەيمەن

 

ھېچ بىلمىدىم، دېگەنلىرىمدىن نېمىنى چۈشەندىڭ،

ئورماننىڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى سۆزلىدىم،

ئويمانلىقنىڭ سۆرۈنلۈكىنى زۇۋان سۈرمىدىم،

سەن ئۇزۇن بىر ئۇيقۇ ئۇخلىدىڭ، مەن چۈش كۆردۈم

 

توختىماي بىر يولنىڭ گېپىنى قىلدىم:

مەن سۇ، ئىسمىمنى ئۇنۇتمىدىم،

ئايلىنىپ، بىر كۈن يېنىڭغا چۈشكەن

بىر تاغنىڭ گېپىنى قىلدىم؛

جاھاننىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمىدىم،

مېنى ئاۋۇندۇرماس دۇنيا، مېنى تۇتۇپمۇ قالماس،

كىرىڭنىڭ ئىچىدە ئايلىنىپ

يەنە پاكىز كەلدىم.

 

كۆكسۈمدە سەدەپتىن بىر گۈل ئېلىپ يۈرىيمەن:

بۇ بىر سىھىر، ھاياتقا قارشى قىلغۇزدۇم

ئەمدى گەپ قىلمايمەن، كۆڭلۈڭگە ئازار بەرگەن بولسام

بىلگىنكى يېنىڭغا چۈشتۈم.

 

* * * * * * *

ئاپتورى: بىرخان كەسكىن

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ