بۇلبۇل بلوگى

0

سۆيگۈنۈم

211

ھاياتتا بەكلا كۆپ يالغان سۆزلىدىم،
ۋەدىلەر بەردىم چۆكتۈرۈپ مەن تىز.
يولۇمغا ئىنتىزار بولدى قانچە قىز،
مەن بولسام سۆيمەستىن ئوتتۇزغا كىردىم…
 

ئارقىغا قاراشتىنمۇ قورقىمەن ئەمدى،
قايرىلسام، شېرىن جان قېينىلىپ كېتەر.
تۇيغۇلار تۇغۇلدى، تۇيغۇلار سولدى،
مەن كەزگەن باغلاردىن بىر ۋىدا كېلەر.
 

يادىمدا قالغىنى بىر خىرە يۇلتۇز،
تۈنلىرى كۆزۈمگە تەلمۇرىدۇ جىم.
كۆڭلۈم چىمەنىگە بەرگىن تۆكەر كۈز،
مەن سېنى ئىزلەيمەن ئىسىمسىز سۆيگۈم…
 

تۇنجى سۆيگۈ— ئەڭ ئېگىز شاختىكى ئالما،
مەن شۇنغا ئىنتىلدىم، يەتمىدى قولۇم.
ساڭا بەخت تىلەيمەن، مەيلى، كىم بولما،
كۈنلىرىڭ خەيىرلىك بولسۇن، سۆيگۈنۈم.
 

* * * * * * *
مۇھەممەد يۈسۈف شېئىرى (ئۆزبىكىستان)
ھۈسەيىن ئۇيغۇرچىلاشتۇردى
* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ