بۇلبۇل بلوگى

0

سۆيگۈ تومارى

213

كار قىلمىدى سۆيگۈ تومارى،
پالاكەتكە يولۇقتۇم ئودا.
پەيت قاچتى، بەخت قاچمىسۇن،
پاناھىڭدا ساقلىغىن خودا.

 

سوۋغا قىپسەن بوغۇلغان ناخشا،
تومار ئەمەس بىر بويۇنتۇرۇق.
بۆرىكىستان دېگىنىڭ يالغان،
سۆيگۈمىزنىڭ يىلتىزى قورۇق.

 

تومار، بەخت، بۆرەك دېگەنلەر،
ئۈزۈل – كېسىل ھالاكەت بولۇش.
قاخشال پىكرىم مېغىزلانغاندا،
قىڭغىر كۈيلەر كەلدى تۇشمۇ – تۇش.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ