بۇلبۇل بلوگى

0

سۆيگۈ

253

تاڭ ئاتار، ئويغىنىسەن يېنىمدا

قۇشلار قاناتلىرىغا ئۈنۈڭنى سىزار

توختايدۇ كېچىدىكى يامغۇر

يېڭى بىر كۈنگە تۆكۈلىدۇ كوچىلار

 

سەن كۈلىسەن، كۆزلىرىڭدە  قۇرۇلىدۇ بازارلار

بىر بالا ئانىسىنى يوقىتىپ قويۇپ

سېنىڭ يۈزۈڭدە تاپار

 

پاراڭلىشىمىز، يولۇچىلار ئۆيىگە قايتار

يانىدۇ كېمىلەردە پۈتۈن چىراقلار

ئاي چۈشىدۇ دېڭىزلارغا

شاراپ داستىخانى ھازىرلايدۇ بېلىقلار

 

يۈزۈڭنى سىلايمەن، كۆزلىرىم تولىدۇ

دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە

يېڭى بىر ناخشىنى باشلار ئاياللار

 

* * * * * * *

ئاپتورى: ئايتەن مۇتلۇ

ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ