بۇلبۇل بلوگى

0

سورۇلغان كۈللىرى ئۆمرىمىزنىڭ

307

بىر قىزنىڭ چوڭ كۆزلىرىدە كۆردۈم

بۇلۇتلارنىڭ تاغلارغا ئاستا چۆكۈشىنى

بالىدەك جىمىقىشىنى كۆردۈم، پەرىشان

ۋە قەلبىمنى تۇمانلىق تاغدىكى تۇمانغا يايدىم

چوپانلار نېكەم يېنىپ چۈشۈشكەن

مەن بىر يالغۇز دەرەخ ئىدىم چوققىلاردا.

 

دولقۇن-دولقۇن سۇلاردا كۆيۈك پۇرىقى

ۋە ئېگىز بىر قىزنىڭ كۈلۈمسېرىشى

نۇر زامانغا تالىق، زامان بولسا ئۇنىڭ

چوپچوڭ كۆزلىرىدۇر بۇندىن تارتىپ

چۈشەندىم، تارىخمۇ يېزىلماس

سۆيگۈ بەتلىرىگە ئويلاپ باقسا كۈن.

 

يالغۇز ئىدىم، ياپراقلىرىم تۆكۈلەتتى بىر-بىرلەپ

دەريالاردا ئېقىپ چۆللەرگە چۈشەتتى

يەنە ئىس چىقتى، قايسى شەھەرگە ئوت كەتتى

قايسى كوچىدا ئېتىپ تاشلاندى سۆيگۈنىم

بىر دەستە رۇخسارگۈل، بىر ئۇچۇم تۇپراق

دەرت ئۈچۈن يارالغانمۇ يۈرىكىم.

 

ئاۋازىمدا بىر يانغىن، بىر كەكرە تەم

ئۇزاپ كەتكەن بىر چۆل يالغۇزلىقى

گېزىت خوشياقماس، باش قېيىپ تۇرار

سۇسىز قالغان گۈللەردەك قۇرۇماقتا ھەممە

ھەممىنى ئەزمەكتە سەپەر ئازابى

بارسا-كەلمەس يولغا چىقتى پۈتۈن يۈزلەر.

 

تۇمانلىق تاغدا بىر غالچىنىڭ كۆلەڭگىسى

تاغ جىمجىتلىقى بېسىۋالماقتا شەھەرلەرنى

يېڭىلگەن بىزمۇ ياكى سۆيگۈمۇ

بىر قىزنىڭ چوڭ كۆزلىرىدە كۆردۈم

سورۇلغان كۈللىرىنى ئۆمرىمىزنىڭ

جۇدالىق ھالاك قىلار بۇ شەھەرنى بىلىمەن.

 

ئۆلۈمگە قاقشىماس ئۆلۈپ كەتكەنلەر

لېكىن بىر قىزنىڭ چوڭ كۆزلىرى يالقۇنلىماقتا

ئازاپلار ئۆچ ئېلىشقا قۇترىتار مېنى

تاشماقتا ئىچىمدە دەھشەتلىك ئوكيان

ۋەتەن دەيمەن، چۆكۈپ كەتكەن كېمە ئەمەسمەن

ۋەتىنىمنى ئىزلەيمەن،غەزەپلەنگەن كۈللەر ئىچىدە.

 

* * * * * * *

ئاپتور: ئەخمەت تەللى ( تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ