بۇلبۇل بلوگى

0

سىزمۇ شۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز

421

كۆپ كۈچىمەيلا چارچىدىم،
تېخى
گۈل ئۆستۈرۈلدى،
ئېچىلىشىغا بىر ئاز ۋاقىت بار،
مەن ئەمدى پۇتۇمنى گاھ سۇنۇپ
گاھ يىغىپ ئارام ئېلىشىم كېرەك،
قولۇمغا ھازىرچە ئامال يوق،
مۇزىكىلارنى ئاختۇرۇپ ئارىسىدىن
مەن ئاخىرلىشىشىنى ئۇنتۇپ قالاي دېگەن بىر مۇزىكىنى تاپتىم،
چېچىمنى ياسىتىدىغان ۋاقىت كەپتۇ، دېگەچ
تايىنى يوق بىر خىيالنى بەرپا قىلدىم،
مەن بۇ خىيالنى گۈلگە ئوخشاتسام
ئۇ ئاللىقاچان ئېچىلدى،
مېنى ئالدىرىتىپ قويدى خېلىلا
ئۇنىڭ مىڭ چاقىرىملىق خۇشپۇرىقى.

دېرىزەمنىڭ تۈۋىدە
بىر نەچچە ئادەم
كىمنىڭدۇر ئاياغ تېۋىشى
كېيىن
يوقالدى،
بەئەينى تۇرمۇشتەك سەگەكلەشتىم،
ئاندىن قولۇمنى كۆيدۈرەي دەپ قالغان تاماكىنى تاشلىدىم.

سىزمۇ شۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز
كېلىڭ،
بىز ئىككىمىز بىر ئادەم بولۇپ
بىردەم مۇنازىرلىشىپ
بىردەم جىمايلى،
لېكىن، ئەسكەرتىپ قوياي
بۇنى نەتىجىسى چىقىدىغان بىرەر ئىشقا ئوخشاتمايلى.

2016- يىلى 15- نويابىر

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ