بۇلبۇل بلوگى

0

سىمۋۇل

210

چۆللەرگە قاراپ

يېنىمغا كېلىشنى قىل دەرھال قارار

گۈل بولۇپ ئېچىل

باغچام قىشتا قىينالدى تازا

مېنى

يوقلاپ كەلگەن چېغىدا باھار

 

يوللار ئۇچىرىسا

يېڭى – يېڭى ئىز چۈشكەن

دەسسەپ كۆرگەن ئۆز ئىزىڭمىكىن

ساقىسا كۆز ياش

سۇنغان شاخلارنى قىينار ئاپتاپ

رەم سېلىپ كۆر

ساقىغىنى ياش ئەمەس

يۇلتۇزۇڭمىكىن؟

بىراۋ

چوغ سورايدۇ ھەر كۈنى

بوسۇغاڭغا تەلمۈرۈپ

بىراۋ

يول ياساپ تومۇرىدا

بىر جايدا سېنى تۇرىدۇ كۈتۈپ

چوغنى بەرمە، چوغسىز قالىسەن

سوغۇق بەك يامان

سەن قان ئەمەس

ماڭما تومۇردا

ھە بىر چاغدا يولسىز قالىسەن

چىققان مەنزىلىڭ

بولۇپ قالسا يۈرەك ئەمەس ئەگەر باياۋان…

 

سىمۋۇل شۇنداق نەرسە

تومۇردا يول بار

يوللاردا تومۇر…

ئەمما ھېچكىم بىلمەس

يولدىكى يولۇچىمۇ

تومۇردىكى قان…

– ئاپتورنىڭ «قىز پەسلى» ناملىق شىئېرلار توپلىمىدىن

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ