بۇلبۇل بلوگى

0

سىم سىم ..ئىشىكنى يېپىڭ ..

252

سىم سىم .. ئ‍ىشىكنى يېپىڭ ..

سىم سىم .. ئ‍ىشىكنى يېپىڭ
قىرىق قاراقچى كەلدى ، جېنىمنى ئ‍الدى
لېكىن ئ‍اقمىدى بىر تامچە قېنىم

سىم سىم .. ئ‍ىشىكنى يېپىڭ ..
قىرىق دوست كەلدى،كۆڭلۈمنى ئ‍الدى
لېكىن .. ئ‍‍اخىرىغىچە كۈلمىدىم

سىم سىم .. ئ‍ىشىكنى يېپىڭ ..
قىرىق ئ‍ۆلۈم كەلدى ..ئ‍ىچىمگە ئ‍الدىم
گۈل بولارمەن ياكى كۈل ..
قىرىق بىرىنچى قېتىم !

سىم سىم ..
ئ‍ىشىكنى يېپىڭ .

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ