بۇلبۇل بلوگى

0

شۇنداق روھقا ئۆگەنسۇن يۈرەك

174
يۈەرەلمەيدۇ روھى چۈشكەن ئات،
تىرىكلىككە، چۈنكى، روھ قانات.
سەن مىدىرلاپ يۈرگىنىڭ بىلەن،
روھىڭ ئۆلسە بولىسەن بەربات.
تاشنى تەشكەن تامچىلاردىنمۇ،
تاغدا ئۆسكەن ئارچىلاردىنمۇ؛
كۆرەلمەيسەن بىز سۆيگەن روھنى
تۆمۈر كەسكەن قايچىلاردىنمۇ،
ئىنسان ئۈچۈن شۇنداق روھ كېرەك،
شۇنداق روھقا ئۆگەنسۇن يۈرەك.
قەيسەر روھنىڭ كارامىتىنى،
چۈشەنمىسەڭ ئەمەسىسىەن زېرەك.
زەئىپلىككە چۈشكۈنلۈك يولداش،
قۇتقۇزالماس چۈشكۈننى كۆز ياش.
روھ بولمىسا لەشتەك ياشايسەن،
تەڭرىم ساڭا بەرسىمۇ يۈز ياش.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ