بۇلبۇل بلوگى

0

شېئىر

225

قىلدام تومۇرلارنىڭ ئۈزۈلىشىنى

ۋەھىمىنىڭ قان-قانلارغا سىڭىشىنى

يۈرەكنىڭ ئېغىر ساڭگىلىشىنى

تۈكۈرۈك يۇتۇشنىڭ تەسلىشىشىنى

تىل ۋە تاماقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى

تەرنىڭ پۇرقىراپ قۇيۇلىشىنى

تىزلارنىڭ دىر-دىر تىترىشىنى

كۆزلەرنىڭ قىزىرىپ قانغا تولۇشىنى

بۇرۇن تۆشۈكلىرىنىڭ كېڭىيىپ ئېچىشىشىنى

ئۆپكىنىڭ بوغۇزغا كەپلىشىشىنى

ئۇيقۇنىڭ 48 سائەتكىچە كېلىپمۇ قويمىشىنى

تاڭلارنىڭ ئۇزۇندا ۋە قىينىلىپ ئېتىشىنى

دەرىزىلەرنىڭ بۇقۇلداشلىرىنى

قەلەملەرنىڭ يەردە دومىلاپ يىغلاشلىرىنى

قوللارنىڭ ئاسماننى تېشىۋەتكۈدەك كۆتۈرۈلۈشلىرىنى

ۋە باشقا ئۆلسەممۇ ئۇنتۇپ قالمايدىغان ئىشلارنى

سۆزمۇ-سۆز

مىسرامۇ- مىسرا

ئوقۇپ چىقتىم…

 

2015.6.29

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ