بۇلبۇل بلوگى

0

شېئىر ۋە شائىر

227

ئۇ دېدى: ئەللامىلەر ئالدىدا شائىر نەق بوۋاق،
يازغىنى توم توم كىتابلار تەرتىپىدە بىر ئۇۋاق.

سەن دېدىڭ: شائىر دېگەن ئويغاتقۇچى، شائىر–ماياك،
نەزمىنى سەل چاغلىغانلار ئەقلى چولتا–تومتۇۋاق.

مەن دېدىم: ھەر بىر شېئىر بىر ئىلتىجا ھەم بىر تەلەپ،
ئۇ سۆيۈك ئۇ ئوت، نىگاھ، ناز، ئۇ پىراق، ئۇ ئىشتاياق……

بەلكى شائىرلىق ساراڭلىق، باش -كۆزى قان تام ئۈسۈپ،
مېھرى گۈلدەك خۇش پۇراقۇ قەھرى ئۈندەش ھەم سوراق.

ھەر كۆڭۈل تىلسىم، تېپىشماق، ھەر قەلبتە مىڭ قۇلۇپ،
نەقلا ئاچقۇچ شېئىردىكى ھەر پەش، چېكىت، ۋەزنى، تۇراق.

ئۇ دېسۇن، يا سەن دېگىن: شېئىرغا لىللالىق كېرەك،
لازىمى چىنلىق، كېرەكمەس شېئىرغا شۇنئىي يالتىراق!

 

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ