بۇلبۇل بلوگى

0

شەھەرلەر

190

سەھرالارنى تونۇمسلەر، شەھەرلەر،
يوقلا،دېسە ئۇنامسلەر،شەھەرلەر،
كېلىپ-كېتىپ يۈرگەنلەردىن،دېھقاننىڭ-
ئەھۋالىنى سورامسىلەر ،شەھەرلەر.
ئىزدەمسىلەر قولۇم-قوشنا دېگەننى،
ئاش-تاماقمۇ سۇنامسىلەر،شەھەرلەر.
يىراقلىشىپ بىزدىن ياكى بىر يولى-
قولۇڭلارنى يۇيامسىلەر،شەھەرلەر؟
كەلگەنلەرنىڭ ئەھۋال ئېيتىپ،ھېلىمۇ
يانچۇقىنى كولامسىلار،شەھەرلەر؟
ئادىمىيلىك بارمۇ-يوقمۇ سىلەردە،
قۇرۇق بارساق ئۇرامسىلەر،شەھەرلەر؟
رېستۇرانلار كانى ئىكەن ئويۇننىڭ،
كۈندە شۇنداق ئوينامسىلەر،شەھەرلەر.
تائام دېگەن ئېشىپ قاپتۇ شۇ پېتى،
تۆكمىسەڭلار تويمامسىلەر،شەھەرلەر.
بەگزادىگە ئايلىنىپتۇ باشلىقلار،
ئويناۋېرىپ قۇرامسىلەر،شەھەرلەر؟
بىر چىرايلىق كېتىۋاتقان ھارۋىنى،
يامان يولغا بۇرامسىلەر،شەھەرلەر؟
سېتىۋاتقان ئوغۇت ساختا،دورا جا،
بىزنى ئەمدى بۇلامسىلەر،شەھەرلەر؟
كەلكۈن بىلەن خۇدا ئۇرغان دېھقاننى،
سىلەر يەنە ئۇرامسىلەر،شەھەرلەر؟
جا ماللارنىڭ ئۇۋىسىمۇ،سىلەرمۇ،
مالنى مەڭگۈ بويامسىلەر،شەھەرلەر؟
يالاڭلارنى يۆلەۋاتسا پۈتۈن ئەل،
سىلەر قاراپ تۇرامسىلەر،شەھەرلەر؟
كېرەكلىكنى بىزدىن ئېلىپ تا مەڭگۈ،
بىزگە ھاپاش بولامسىلەر،شەھەرلەر.
يالاڭلارنى يۆلەۋاتسا پۈتۈن ئەل،
سىلەر قاراپ تۇرامسىلەر، شەھەرلەر؟

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ